ئۈنۈم تۈرلىرى
    جەمئىي مىكروبلوگ 12 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • admin 2019-8-8 02:53 [ئىنكاس(0)] [...]

      xatlan.cn بۇ تورنامى كومپيۇتېردا نۇرمال ئېچىلمايدىغان بوپقالدى

    • 小凯520 2019-7-22 08:39 [ئىنكاس(0)] [...]

      ئىچىلىش سۈرئىتى بۇرۇنقىدىن ياخشى لىكىن يىتەرلىك ئەمەس

    • admin 2019-7-13 10:41 [ئىنكاس(0)] [...]

      مەقسىدىم بىكەتتىن پۇل تېپىش ئەمەس پەقەت تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى يىڭىلاش

    • admin 2019-7-13 10:35 [ئىنكاس(0)] [...]

      سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار ئاستىدا بىكەت تېخىمۇ تەرەققى قىلغۇسى

    • admin 2019-8-8 02:52 [ئىنكاس(0)] [...]

      www.xatlan.net بۇ ئىسىمغا

    • admin 2019-7-13 10:42 [ئىنكاس(0)] [...]

      مەنمۇ ئۇستا ئەمەس خاتا قىلغان يەلىرىم بولسا ئۆز ئارا ھەل قىلىشىپ بەرسەڭلا

    • admin 2019-7-13 10:39 [ئىنكاس(0)] [...]

      بىلىملەر ئالىپ تورىدىكى بۇرۇن يوللانغان مەزمۇنلارنى يىڭىلاپ كۆپچىلىككە

    • admin 2019-7-13 10:34 [ئىنكاس(0)] [...]

      بىكەتتىن مەسىلە چىقمىسىلا بىكەت ئۇزۇنغىچە ئېچىلىدۇ

    • admin 2019-8-8 02:51 [ئىنكاس(0)] [...]

      ئۇختۇرۇش پات يېقىندا بىكەت تورنامى ئۆزگىرەيدۇ

    • admin 2019-7-13 10:41 [ئىنكاس(0)] [...]

      تېخنىكا ساھەسىگە بىر كىشىك تۆھپەمنى قۇشۇش

    • admin 2019-7-13 10:37 [ئىنكاس(0)] [...]

      دانىشمەن مۇنبىرىنى قۇرۇپ توپلىغان تەجرىبەم ئارقىلىق بۇ بىكەتنى قۇردۇم

    • admin 2019-7-12 20:36 [ئىنكاس(0)] [...]

      سالام كۆپچىلىك ئالدىراشچىلىقتا بىكەتكىمۇ قارىيالمىدىم

    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى« 2- قىسىم»

    1
    ئىنكاس
    246
    كۆرۈش
    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى« 2- قىسىم»

    خىياللىرىمدىن ئاستا سىلكىنىپ چىقىپ تۇرمە دېرىزىسىنىڭ تۇمۇر تۇتقۇچىنى قويۇپ بېرىشنى ئويلىدىم ، 12- ئاي بولغاچقا قولۇم ئاللىبۇرۇن بۇ نىجىز تۇمۇر تەرىپدىن چىڭ تۇتۇپ قېلىنغان ئىدى ….
    قولۇمنى كۇچەپ تارتىپ بۇ نىجىزدىن ئاجىراتمەقچى بولدۇ ، تۇيۇقسىز مەن تۇرغان كامىرنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ چارلاش ساقچىللىرى كىرىپ كەلدى ۋە كالتەكلەر تاراسلاپ تەككىلى تۇردىن ، ئورنۇمدىن مىدىرلىغۇسىز ھالەتتە يېتىپ قالغىنىمدا ئۇلار مېنى سۆرەپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مەن تۇرمە دېرىسىنى ئاجىرتىپ تۇرمىدىن قاچماقچى بولۇپتىمەن …ئىچىمدە كۇلدۇم ، ئۆرە تۇرغىدەك ھالىم يوق ، بەكەرەك پۈلەپ قويسا يىقىلىپ كېتىدىغاندەك ئەپتىمگە قاراپ مەندە راسلا تۇرمىدىن قاچقۇدەك ئەقىل بارمىدۇ دېگەننى ئويلاپ قالدىم …
    سۇ تۇرمىسىگە سولاپ قويۇڭلار – تۇرمە باشلىقى چېكىۋاتقان تاماكىسىنى خوش ياخمىغانداك شوراپ قويۇپ ، شۇنداق دېدى .
    شۇنداق قىلىپ خىيال سۇرگىنىمگە بېلىقنىڭ كۇنىنى كۆرۇپ سۇدا ياتىدىغان بولدۇم …
    سۇ كامىرنىڭ دېرىسىدىن ،تۇرمە قاراۋۇلخانىدا ئۆرە تۇرۇپ كۆتزەتچىلىك قىلىۋاتقان قاراۋۇلغا قاراپ كاللامغا يەنە ئۆتكەن ئىشلار كېلىشكە باشلىدى ..
    تورخانىدىن چىقىپ مەكتەپ تەرەپكە قاراپ ماڭدىن .. كاللامدا بايامقى كومپىيوتۇرنى ئاچالمىغان قىز ئەگىپ يۇرەتتى .سىنىپقا كىرىپ بۇرۇنقىدەك شوخلۇقۇمنىمۇ قىلماي ئۇدۇل بېرىپ ئورنۇمدا ئولتۇدۇم ھەم چاپىنىمنى بېشىمغا ئارتىپ ئوخلاش جېڭىغا تەييارلىق قىلدىم ، چۇش كۆرۇپتىمەن . شۇنچىلىك شېرىن …
    چۇشۇمدە بايىقى قىز بىلەن قول تۇرۇشۇپ بىر يايلاقتا يۇگۇرەپ ئويناۋاتقان ئىدىم، قىزنىڭ بېلىدىن تۇرۇپ ئاستا سۇيۇشكە تەمشەلدىم ، قىز كۆزۇنى يۇمدى ، دەل شۇ چاغدا شۇنداق بىر يامغۇر ياققان ئىدىكى، ئۇ قىز ئاسمان زىمىندا يوق ، چۆچۇپ ئويغانسام مۇئەللىم قولىدىكى بىر پوتولكا سۇنىڭ ھەممىنى بېسىمغا قۇيۇۋەتكەن ئىدى ،
    سىنىپنى قىيقاس- چۇقاس قاپلىدى .
    مۇئەللىمگە قارىسام بىرخىل مەغرۇرلۇق بىلەن ماڭا قاراپ تۇراتتى …
    بۇ ئايال مۇئەللىم 25~26 لەرنىڭ قارىسىنى ئالغان ، يېڭىلا ئوقۇش پۇتتۇرۇپ بىزنىڭ مەكتەپكە پاراكتىكا قىلغىلى كەلگەن مۇزىكا مۇئەللىمى ئىدى  ،
    گەپ قىلماي بېشىمنى ئېگىپ تۇردۇم ، ئادەتتە بۇنداق تۇرغۇنۇم بىر مەيدان ئۇرۇشنىڭ باشلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتىم …
    يېنىمدىكى كىتاپ خالتىسىغا قاراپ گەپ باشلىدىم :
    ئېليار ، ئەگەر بۇگۇن مۇشۇ مۇئەللىمنى يىغلىتىۋەتسەم بىر ئايلىق تازلىقىمنى قىلىپ بېرەمسە ، – دېدىم سۇئال ھەم ئۆتۇنۇش نەزىردە .
    ئۇمۇ ئىپادىسىزلا قوشۇلدىغانلىقى بىلدۇردى.
    مەن ئۇنىڭ قوشۇلدىغانلىقىنى بىلەتتىم ، ئالدىنقى سائەت دەرىستە بۇ ئايال جىن ئىككىمىزنى خېلە ئوبدان تىللىغان ئىدى…
    ئوق – دورىلارنى تەييارلار ئۇچۇن ئاستا قەلەم قۇتامنى ئېچىپ ئىچىدىن بىرتال رېزىنكە بوغقۇچنى ئالدىم ، رېگەتكە پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ، قولۇمنى ئاچىماق قىلدىم ھەمدە بوغقۇچنى چىڭ ئورۇنلاشتۇرۇپ پارتامدىكى قەغەزنى قاتلاپ ياساپ قويغان ئوقنى ئالدىم ، دوسكا تەرەپكا قاراپ مەغرۇر كېتىپ بارغان مۇئەللىمنى قارىغا ئالدىم ،، بۇ ئايال جىننىڭ چېچى قاراشتىن توك سوقىۋەتكەندەك كۆرۇنەتتى ، شۇڭا ئويۇنلەردىكىدەك بېشىنى سوقۇش مۇمكىن ئەمەس ئىدى ، ئاستا مۇرىسىنى قارىغا ئالدىم … 3 …2…
    ئەرافات ، دەپ ئاستا قولىقىمغا پىچىرلىدى ئېليار ، قانداق دەل جايىنى سوقالىساڭ 2 ئايلىق تازلىقىڭ مەندىن – دېدى ئېليار رەزىل كۇلۇپ .
    مەنمۇ  كۇلىۋەتتىم ئاستا مۇرە تەرەپتىن پەسلەپ مۇئەللىمنىڭ نەخ ئوڭ كاسسىسىنى قارىغا ئالدىم ، ئادەتتە قەغەز ئادەم بەدىنىگە تەگسە ئاغرىتمىغان بىلەن مۇنۇ بوغقۇچنىڭ خاسىيىتى بىلەن بىرەر يەرگە تەگسە ھەرە چاققاندەك ئاغرىشقا باشلايتى …
    چىس ….قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاخىرىغا چاڭ …قىلغان ئاۋاز قوشۇلدى…
    جەڭنىڭ بايانى ئەسلى مۇنداق …
    ئېليار بىلەن كېلىشكىنىمىز بويىچە ،مەن خانىمنىڭ «ئوڭ» كاسسىنى سوقالىسام 2 ئايلىق تازلىقىمنى ئۇ قىلىپ بېرىدىغان بولغان ، لېكىن قارىغا ئېلىش ماھارىتىمدىن چاتاق چىقتىمۇ ، ئوق مۇئەللىمنىڭ دەل «سول» كاسسىسىغا تەككەن، مۇئەللىم ھەرە چاققان ئوخشايدۇ دەپ شاپىلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ ھېلىقى ئوق تەككەن كاسسىسىغا چاققان ھەرىنى ئۆلتۇرۇش ئۇچۇن ئۇرغان ئىدى ..
    تۇلۇق 3-يىللىق 4 – سىنىپتىن شۇنداق قاتتىن كۇلكە كۆتۇرۇلدى ،، مۇئەللىم بىر قولىدا ئاغزىنى يەنە بىر قولىدا «يارا ئېغىزىنى » تۇرۇپ يىغلىغانچە سىنىپتىن چىقىپ كەتتى …
    شۇنچىلىك قاتتىن كۇلدۇقكى ، پۇتۇن مەكتەپنى كۆتۇرۋەتلىكىلى تاسلا قالدۇق ..
    لېكىن … كۇلكىمىزمۇ ئۇزاققا بارمىدى … مەكتەپ ئاتامانلىرى كىرىپ كەلدى .
    سىياسى مۇدىر ، مەكتەپ مۇدىرى ، تەنتەربىيە مۇئەلىمى ، ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى ….
    ھېلىقى ئايال جىننىڭ گۇمانى بوينچە مېنى تۇتۇپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى،
    ئىشىك تۇۋىگە بارغاندا ئېليار يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن : مۇئەللىم ئەرافاتقا ئەقىلنى مەن كۆرسەتكەن -دېدى ئېليار بېشىنى تۆۋەن قىلىپ.
    مۇدىر راسما دېگەندەك ماڭا قاراپ قويدى ،،
    ۋۇ ساراڭ ،سېنىڭ قىل دېگىنىڭنى قىلىدىغان ،سەن مېنىڭ دادامما ، ..- دېدىم ئۇنى تاياق -توقماقتىن ساقلاپ قېلىشنى ئويلاپ …
    مەكتەپ سوتىدىن ھۆكۇم چىقىرىپ مېنىڭ ئىنتىزام بۇزغان ، مۇئەللىمنى ھاقاراتلىگەن دېگەندەك شەرەپلىك ئاتاق بىلەن بىر ھەپتە كۇندە چۇشتىن بۇرۇن مەكتەپ بايراق خادىسىنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرۇش بۇيرۇقى چۇشتى …
    ماڭا ئۆرە تۇرۇش ئېغىز كەلمىدى لېكىن ھەر كۇنى گىمناستىكا ئوينايدىغان چاغدا خىجىل بولاتتىم ، بايراقنى قوغداشنىڭ 3 كۇنى ھەقىقەتەن بەك ئىسسىق بولۇپ كەتتى ، پىشانەمدىن شۇنچىلىك تەر ئاقتىكى ، چىداپ تۇرالمىدىم . يىراقتىن بىرسى مەن تەرەپكە قاراپ كېلىشكە باشلىدى ، قاراشتىن قىز بالىدەك تۇراتتى ، قولىدا بىر پوتولكا سۇ بارمۇ نېمە ..  . ئۇ قىز مەن ئۆرە تۇرغان جاينىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى . بۇ دەل ھېلىقى كومپىيوتۇرنى ئاچالمىغان قىز ئىدى … نېمە دېيىشىمنى ئۇقالمىدىم … ئۇ قىز سۆز باشلىدى ..
    سىنىپىڭىزدىكى نۇرجامالنىڭ دېيىشچە، مۇزىكا مۇئەللىمنىڭ خېلە ئوبدان ئەدىپىنى بېرىپسىز …- دېدى قولىدىكى مۇزدەك مېنرال سۇنى ماڭا سۇنغاچ ..
    گەپ قىلىشقىمۇ ئۇلگۇرمەي ، سۇنى كالىدەك ئىچىشقا باشلىدىم ……
    ياقاي ،،ئۇ ئايال جىن ….- گېپىمنىڭ ئاخىرىنى يۇتىۋەتتىم .
    نېمىمۇ دېيەلەيتىم ، سىزنى چۇشۇمدە سۆيمەكچى بولغىنىمدا ، بېشىمدىن سۇ قۇيۇپ ، چۇشۇمدە يامغۇر ياغدۇرۋەتتى دەيمەنما …
    گەپنىڭ ئاخىرى قېنى – دېدىن ئۇ قىز سۇئال نەزىرىدە ماڭا قاراپ ،،،،
    بولدى ئۇ گەپنى دېيىشمەيلى ، ئىسمىڭىز نېمە ، قايسى سىنىپتا ئوقۇيسىز..- دېدىم غەيرەتكە كېلىپ .
    ئىسمىم ئادىلە، تۇلۇق 3-يىللىق 3 سىنىپتا ئوقويمەن، سىزنىڭ ئىسمىڭىز نېمە -دېدى ئۇ قىز باشقا ياققا قارىغاچ پەرۋاسىزلارچە …
    ئەرافات – دېدىم ئارتۇق گەپنى لايىق كۆرمەي .
    ھە راس چۇشتىن كېيىندىن باشلاپ بۇ يەردە تۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .- دېدى ئۇقىز ماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك قاراپ قويۇپ .
    راس دېگەندەك چۇشكە يېقىن مەكتەپ مۇدىرى يېنىمغا كېلىپ : ئەرافاتجان ، ئەمدى كەپسىزلىق قىلمىسىلا ، كىرىپ دەرىسلىرنى ئوقوسىلا بولىدۇ .- دېدى بۇ تاز مەكتەپ مۇدىرى ھامىلدار ئايالدەك كۆرۇندىغان قورسىقىنى سىلاپ تۇرۇپ ..
    شۇنداق قىلىپ قىزىق بايراق قوغداش جېڭى ئاخىرلاشقانمۇ بولدى لېكىن زادى نېمە سەۋەپتىن . ھېلىقى قىزنىڭ بىر ئېغىز سۆزى بىلەن مەكتەپنىڭ ماڭا بەرگەن جازسىدىن بۇنچە ئىشتىك ئازات بولغىنىمغا ھەيرانمەن .
    خىيالىمدىن سىلكىنىپ چىقىپ قاراۋۇلنىڭ يەنە جايىدا قېتىپ قالغاندەك تۇرغىنىغا قاراپ ، ھازىرقى ھالىتىمگىمۇ شۇكرى قىلىشقا باشلىدىم…
    2-قىسىم تۇگىدى




    بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

    x
    贡献值排行榜:

    it618_copyright
     ئىگىسى| ۋاقتى: 2019-7-27 02:45:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    سالونىمىزنى قۇشۇۋېلىڭ

    ئادرىس:xatlan.cn

    بىكەت نامى:شاتلان تورى

    QQ1توپ:812447719

    QQ2توپ:383580619

    قىززىق لىنىيە:

    3419250388

    شاتلان تورى
    夏提兰信息技术网
    www.xatlan.cn
    ئالاھىدەئەسكەرتىش توربىكىتىمىزدە ھەرقانداق شەكىلدە شەھۋانى مەزمۇندىكى، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن سىياسەتلىرىگە خىلاپ بۇلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە مۇقۇملىقىغا تەسىريەتكۈزىدىغان تىما ئىنكاس يۇللاش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ، شۇنداقلا نەشىر ھۇقۇقىغا ئىگە ھەرقانداق مەزمۇن يۇللاش مەنئى قىلىنىدۇ، ھەرقانداق شەخىس ۋە كوللىكتىپ يۇقىرىدا دىيىلگەن ئەسكەرىتمىگە خىلاپلىق قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار سۈرۈشتە قىلسا بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بارلىق مەسئۇلىيەتنى خىلاپلىق قىلغۇچى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ئالاھىدە ئەسكەرتىش قىلىندى

    ئۇلىنىش قوشوش-Archiver-يانفون-قاماقخانا- 夏提兰信息技术网  

    夏提兰信息技术 شاتلان تورى X3.2© 2018-2019 夏提兰网