ئۈنۈم تۈرلىرى
    جەمئىي مىكروبلوگ 12 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • admin 2019-8-8 02:53 [ئىنكاس(0)] [...]

      xatlan.cn بۇ تورنامى كومپيۇتېردا نۇرمال ئېچىلمايدىغان بوپقالدى

    • 小凯520 2019-7-22 08:39 [ئىنكاس(0)] [...]

      ئىچىلىش سۈرئىتى بۇرۇنقىدىن ياخشى لىكىن يىتەرلىك ئەمەس

    • admin 2019-7-13 10:41 [ئىنكاس(0)] [...]

      مەقسىدىم بىكەتتىن پۇل تېپىش ئەمەس پەقەت تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى يىڭىلاش

    • admin 2019-7-13 10:35 [ئىنكاس(0)] [...]

      سىلەرنىڭ قوللىشىڭلار ئاستىدا بىكەت تېخىمۇ تەرەققى قىلغۇسى

    • admin 2019-8-8 02:52 [ئىنكاس(0)] [...]

      www.xatlan.net بۇ ئىسىمغا

    • admin 2019-7-13 10:42 [ئىنكاس(0)] [...]

      مەنمۇ ئۇستا ئەمەس خاتا قىلغان يەلىرىم بولسا ئۆز ئارا ھەل قىلىشىپ بەرسەڭلا

    • admin 2019-7-13 10:39 [ئىنكاس(0)] [...]

      بىلىملەر ئالىپ تورىدىكى بۇرۇن يوللانغان مەزمۇنلارنى يىڭىلاپ كۆپچىلىككە

    • admin 2019-7-13 10:34 [ئىنكاس(0)] [...]

      بىكەتتىن مەسىلە چىقمىسىلا بىكەت ئۇزۇنغىچە ئېچىلىدۇ

    • admin 2019-8-8 02:51 [ئىنكاس(0)] [...]

      ئۇختۇرۇش پات يېقىندا بىكەت تورنامى ئۆزگىرەيدۇ

    • admin 2019-7-13 10:41 [ئىنكاس(0)] [...]

      تېخنىكا ساھەسىگە بىر كىشىك تۆھپەمنى قۇشۇش

    • admin 2019-7-13 10:37 [ئىنكاس(0)] [...]

      دانىشمەن مۇنبىرىنى قۇرۇپ توپلىغان تەجرىبەم ئارقىلىق بۇ بىكەتنى قۇردۇم

    • admin 2019-7-12 20:36 [ئىنكاس(0)] [...]

      سالام كۆپچىلىك ئالدىراشچىلىقتا بىكەتكىمۇ قارىيالمىدىم

    كومپيۇتېر دېگەن نېمە؟

    0
    ئىنكاس
    54
    كۆرۈش
    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    تىزىملاتسىڭىز تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى كۈرەلەيسىز

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

    x
    كومپيۇتېر دېگەن نېمە؟

    كومپيۇتېر (COMPUTER ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى، ئېلېكترونلۇق مېڭە) كۆپ مىقداردىكى ئارىفمىتىكىلىق ۋە لوگىكىلىق ھېسابلاشلارنى ئاپتوماتىك، تېز سۈرئەتتە بېجىرىدىغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە.
    باشقا ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىغا ئوخشاش كومپيۇتېرنىڭ تۈرىمۇ ناھايىتى كۆپ. كومپيۇتېرنى تۈرگە ئايرىش ئۇنىڭ توك يولىنىڭ توپلاشتۇرۇش دەرىجىسى، ئىشلىتىلگەن تېخنىكا، ھەجمى، باھاسى، ھېسابلاش سۈرئىتى، ئىقتىدارى، ئىلىتىلىش ئورنى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئۇلارنى تۈرگە ئايرىش ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشاش ئەمەس. ھازىر بىر قەدەر كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان تۈرگە ئايرىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكى ئىككى خىل.

    قاتتىق دېتال قۇرۇلمىسى
    ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان كۆپ ۋاستىلىك مىكرو كومپيۇتېرلار قاتتىق دېتال سىستېمىسى ۋە يۇمشاق دېتال سىستېمىسىدىن تۈزۈلگەن. قاتتىق دېتال بولسا كومپيۇتېرنى تەشكىل قىلىدىغان بارلىق ماددىي ئۈسكۈنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كومپيۇتېرنىڭ ماددىي ئاساسى. يۇمشاق دېتال بولسا كومپيۇتېرنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان پروگرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلاردىن ئىبارەت. بۇ ئىككىسىنىڭ بىرسى كەم بولسا بولمايدۇ. يۇمشاق دېتال بولمىسا، قاتتىق دېتالنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق، قاتتىق دېتال بولمىسا، يۇمشاق دېتال ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. پەقەت بۇ ئىككىسى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈلگەندىلا، ئاندىن كومپيۇتېر ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇلايدۇ.
    كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتال سىستېمىسى _ ئاساسى ماشىنا، كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسى، چىقىرىش ئۈسكۈنىسى، ماگنىتلىق ساقلاش ئۈسكۈنىسى ۋە كۆپ ۋاسىتە ئۈسكۈنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قاتتىق دېتال سىستېمىسىغا باش لىنىيە قۇرۇلمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ھەرقايسى قاتتىق دېتاللارنى باش لىنىيە ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلىنىپ مۇكەممەل قاتتىق دېتال سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

    ئاساسىي ماشىنا
    كومپيۇتېرنىڭ ئاساسىي ماشىنىسى كومپيۇتېر خىزمىتىنى كونترول قىلىدىغان مەركەز. ئۇ نۇرغۇن قىسىملاردىن تۈزۈلگەن بولغاچقا، كومپيۇتېر ئاساسىي ماشىنا قېپى ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاساسىي ماشىنا قېپى تىك شەكىللىك ۋە ياتما شەكىللىك بولۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى يوق. پەقەت قېپىنىڭ ئالدى تەرىپىدە يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ، توك مەنبە كۇنۇپكىسى، قايتا قوزغىتىش كۇنۇپكىسى (REBET)، توك مەنبە كۆرسەتكۈچ چىرىغى، قاتتىق دىسكا كۆرسەتكۈچ چىرىغى قاتارلىقلار بار. ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ كەينى تەرىپىدە ئۇلاش ئېغىزلىرى بولۇپ، بۇلار ئاساسىي ماشىنا بىلەن سىرتقى ئۈسكۈنىلەرنى بىر _ بىرىگە ئۇلايدۇ.
    ئاساسىي ماشىنا قېپىنىڭ ئىچىگە ئاساسىي تاختا، كۆرسىتىش كارتىسى، قاتتىق دىسكا قوزغاتقۇچ، ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچ، يۇمشاق دىسكا قوزغاتقۇچ، ئىچكى ساقلىغۇچ، مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ، توك مەنبەسى ۋە ھەر خىل كارتىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان.


    贡献值排行榜:

    it618_copyright
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    سالونىمىزنى قۇشۇۋېلىڭ

    ئادرىس:xatlan.cn

    بىكەت نامى:شاتلان تورى

    QQ1توپ:812447719

    QQ2توپ:383580619

    قىززىق لىنىيە:

    3419250388

    شاتلان تورى
    夏提兰信息技术网
    www.xatlan.cn
    ئالاھىدەئەسكەرتىش توربىكىتىمىزدە ھەرقانداق شەكىلدە شەھۋانى مەزمۇندىكى، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن سىياسەتلىرىگە خىلاپ بۇلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ۋە مۇقۇملىقىغا تەسىريەتكۈزىدىغان تىما ئىنكاس يۇللاش قەتئى مەنئى قىلىنىدۇ، شۇنداقلا نەشىر ھۇقۇقىغا ئىگە ھەرقانداق مەزمۇن يۇللاش مەنئى قىلىنىدۇ، ھەرقانداق شەخىس ۋە كوللىكتىپ يۇقىرىدا دىيىلگەن ئەسكەرىتمىگە خىلاپلىق قىلىپ مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلار سۈرۈشتە قىلسا بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بارلىق مەسئۇلىيەتنى خىلاپلىق قىلغۇچى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ، ئالاھىدە ئەسكەرتىش قىلىندى

    ئۇلىنىش قوشوش-Archiver-يانفون-قاماقخانا- 夏提兰信息技术网  

    夏提兰信息技术 شاتلان تورى X3.2© 2018-2019 夏提兰网